خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتمەكچى بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-02-23
Share

خىتايدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتى باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاڭ چۈنلەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر-دىن خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلەپ ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا ئەسلىدىنلا قېلىپلاشقان بىر يۈرۈش مىللىي، دىنىي سىياسەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش قايتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردە شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ھەممىگە يېتەكچى قىلىش، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بىر-بىرىگە قوشۇۋېتىش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تولۇق ماسلاشتۇرۇش مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا بېكىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار، زىيالىيلار ۋە چەتئەلدىكى مۇھاجىرلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئۇلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە مايىل قىلىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپ مىللەت ۋە ئېتىقادچى خەلق توپلاشقان ئۇيغۇر رايونى خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت رايونى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ رايونغا يۇمشاق كۈچ ئىشلەتمەكچى بولسا ھەر دائىم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنى قوللىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى پارتىيەگە قارايدىغان بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ رولىنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتكە قارايدىغان مىللىي ئىشلار كومىتېتى ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنى تامامەن ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىغا ئالغان بولۇپ، «كومپارتىيە ھەممىنى باشقۇرىدۇ» دېگەن مېخانىزمنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغان. بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش قورالى بولۇپ، ھەر ساھەدىكى كۈچلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر ياقتىن قەبىھ زوراۋانلىق يۈرگۈزسە، بىر ياقتىن بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كۈچەيتمەكچى بولغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت