ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» يەكشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى بوشاشماستىن قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆمەك باشلىقى چېن چۇەنگو ۋە ئۇنىڭ ھەقەمسايىلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، ئەركىن ئىمىرباقى، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار مەركەزنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى» ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى ئېغىشماستىن ئىجرا قىلىدىغانلىقى، مۇقىملىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېغىزى-ئېغزىغا تەگمەي ۋەدە بەرگەن.

سۆھبەت جەريانىدا چېن چۇەنگو شەخسەن: «يولداش ۋاڭ ياڭنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى رەئىس شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە يوللىغان غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى» دەپ خۇشامەت قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خەيلۇن بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئۆتكۈر بولغان بىر باسقۇچ. ئۇنى بىر مىنۇتمۇ بوش قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ھازىر ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ چوڭ ۋەزىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇندىن كېيىنكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش كۈرىشىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت