ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكىلەرنى تەربىيەلەش ۋە تەرتىپكە سېلىش يېتەكچىلىك ئىشخانىسى» قۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.03.17

خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدا مەملىكەت بويىچە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكىلەرنى تەربىيەلەش ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1 مەخسۇس يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ھەرقايسىي ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە 14 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قۇرۇلغان.

خەۋەردە ئۈرۈمچىدىكى باش ئىشخانا ۋە ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، تارباغاتاي، قاراماي، سانجى، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قومۇل، بايىنغولىن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قەشقەر، خوتەندىكى شۆبە ئىشخانىلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى ۋە پوچتا ئادرېسى بېرىلگەن بولۇپ، سىياسىي-قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئەھۋالنى مەزكۇر ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىكى شۆبە ئىشخانىلارغا يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1 مەخسۇس يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ھەر قايسى تۈرمىلەر ۋە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.

بۇ ئىشخانىلارنىڭ تېلېفون قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن كەچ سائەت 10 غىچە بولۇپ، 2021-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تېلېفون ۋە خەتلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئاندىن ئۇلارنى توپلاپ، شۇ جايدىكى پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، ساقچىخانا، تۈرمە ۋە زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى بار كۈچى بىلەن يوشۇرۇش ۋە «يۇشۇرۇن خەۋپ» نى ئازايتىش ئۈچۈن سىياسىي-قانۇندىن ئىبارەت دىكتاتورا ئاپپاراتىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن. خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرۇلغان بۇ سىياسىي-قانۇن يېتەكچىلىك ئىشخانىلىرى ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئومۇمىييۈزلۈك تەقىپ سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردە قۇرۇلغان شۆبە ئىشخانىلار ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلارغا قۇرغان جاسۇسلۇق ۋە نازارەت تورىدىن ئىبارەت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.