ئۇيغۇر دىيارىدا «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى ھەرىكەت يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەر قاناللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدە داۋام قىلىۋاتقان «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى ھەرىكەت ھازىر يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا ئىكەن.

ھازىر ھەرقايسى جايلاردا بۇنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، «قارا كۈچلەر» نى پاش قىلغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسىنىڭ يۈز مىڭ سوم (تەخمىنەن 15 مىڭ دوللار) غا قەدەر ئۆستۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 17-ئاپرېل سانىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ ھەرىكەت قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق چىرىكلىك قىلمىشىغا ۋە بۇنىڭغا شېرىك بولغان كىشىلەرگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان ئىكەن. بۇنىڭدا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان مەمۇرىي خادىملارنىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى گۇرۇھلاردىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىش ھېسابىغا ئۆزىنى سەمرىتىشى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا بىر قىسىم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 17-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق قانۇن سىستېمىسىغا تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا سىياسىي بىخەتەرلىك، بولۇپمۇ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى ۋە تۈزۈم بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان، شۇنىڭدەك سىياسىي ساھەگە سىڭىپ كىرىۋالغان «قارا كۈچلەر»، «رەزىل كۈچلەر» ۋە «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلار» نى قاتتىق جازالاش ۋە تېز جازالاش بويىچە «بەش تېز، بىر دەل» بولۇشنى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭدا تېز تەكشۈرۈش، تېز تۇتۇش، تېز ئەيىبلەش، تېز ھۆكۈم چىقىرىش، تېز ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە دەل جايىدا زەربە بېرىش كۆزدە تۇتۇلغان.

ئەمما ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى بۇ خىل «رەزىل كۈچلەر» تەبىرىگە چۈشىدىغان دۆلەت كادىرلىرىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ بۇ خىل «تېزلەشتۈرۈش» ئۇسۇلىدا دېلو بىر ياقلىق قىلىشنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ھەرىكەت جەريانىدا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنغان بايىنغولىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلشات مەمەت، بۈگۈر ناھىيەسى قاراباغ يېزىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن جۈمە قاتارلىقلارنى «رەزىل كۈچلەرگە ھامىي بولغان»، «دىنىي ئۇنسۇرلار بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالاشقان» دېگەندەك ناملاردا جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەشلەرگە ئاساسەن بۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەقسىتى ئۆتكەن مەزگىللەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان لاگېرلارغا ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان قانۇن سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنى بىر ياقلىق قىلىش، دەپ كۆرسىتىدۇ.

«خىتاي خەۋەر تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ خىل «قارا كۈچلەر» گە، «رەزىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش ئىشخانىلىرى ئۈرۈمچىدىن خوتەنگىچە بولغان پۈتكۈل جايلاردا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ساندىكى كىشى بۇ ھەرىكەت جەريانىدا ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان. شۇنداقلا پۈتكۈل رايون مىقياسىدا «قارا كۈچلەر» ۋە «رەزىل كۈچلەر» نى پاش قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلار تارقىتىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت