ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلىر: «‹ئۈلگىلىك كەنت ئاھالىلىرى› نىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى: بىر جۈپ ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىلنىڭ ئائىلىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىلىشى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.02

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلىر يېقىندا «‹ئۈلگىلىك كەنت ئاھالىلىرى› نىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى: ئىككى ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىلنىڭ ئائىلىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىلىشى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

«SupChina» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە چەتئەللەردە ياشايدىغان ئاچا-سىڭىل نۇرئىمانگۈل ۋە نۇرسىمانگۈللەرنىڭ قەشقەردىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئىككى ئوغۇل قېرىندىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 يىل، 16 يىل ۋە 19 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىش ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئائىلىلەرنى، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ھاياتىنى قانداق نابۇت قىلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت ئۆتكەن يىلى يۇرتىدىكى تونۇشلىرى ئارقىلىق ئائىلىسىدە ئادەم قالمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەرىكەت قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن 15‏-ئىيۇن كۈنى نۇرسىمانگۈلگە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن تېلېفون كېلىپ، ئۇنىڭغا ئائىلىسىدىكى 4 كىشىنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئىلگىرى رادىيومىزدىمۇ بىر خەۋەر بېرىلگەن. بۇ ماقالىدىمۇ خىتاي ئەلچى بىلەن نۇرسىمانگۈلنىڭ تېلىفوندىكى دىيالوگى بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلىپ قويۇلغان.

ئاچا-سىڭىللار دەررىن بايلېرغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ 2015-يىلى تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشىنىڭ ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ جازالىنىشىغا سەۋەب قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ: «بىزنىڭ يېزىمىزدا يەنە قانچىلىك كىشى ۋەيران قىلىنغاندۇ، ئۇ يەردە يۈز بەرگەنلەر ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر،» دېگەن.

دەررىن بايلىر مەرىپەتۋەر بىر دادىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن شۇ يېزىدىن چىقىپ چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇغان ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھازىر ئاتا-ئانىسىدىن ۋە يۇرتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىىسنىڭ بالىلىرىنى چەتئەللەرگە ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ياشاش يوللىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە بارغانلىقى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغانلىقىدەك سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.