«خىتاي خاتا ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى «2049‏-قۇرۇلۇشى» ناملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، خىتاينىڭ خاتا ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«خىتاي خاتا ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنى قانداق قانۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر ماقالىدا، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ساقچىلارنى كۆپەيتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەتكە ئالغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى يوشۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش چاقىرىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باستۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن.

ماقالىنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى درۇۋ جونېس، شۇڭا، «ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئېلىشىنى رەت قىلىشى، ئۇنىڭ باستۇرۇش ۋە ئىرقچى سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشى، خەلقئارا جەمىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ھەمدەمدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتىنى قوللاش، ئۇلارغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىش ئورنىغا تىبەتتە قوللانغان ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنى يوقىتىشقا ۋە تېخىمۇ قاتتىق يەكلەشكە كىرىشكەنلىكى تەكىتلېنگەن.

ماقالىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە تېررورلۇق سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنى ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن قوللانسىمۇ، لېكىن بۇ كىچىك گۇرۇپپىنىڭ پەيدا قىلغان خەتىرى ھېچقاچان پۈتۈن بىر مىللەتنى باستۇرۇشنى ھەقلىق قىلالمايدۇ» دېيىلگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتور ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ب د ت تېخىمۇ كەڭ ئورۇن بېرىشنى، ب د ت ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى، ماگنىتىسكىي قانۇنۇنى ئىشقا ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت