ئەل-جەزىرە قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. «ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر خىتايدىن قاچماقتا» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان قىسقا فىلىمدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ۋاقىت خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش خەۋپى ئاستىدا ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىدا دىنى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئەل-جەزىرە خەۋىرىدە، پۈتۈن بۇ سىياسەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى «خەتەرلىك بۆلگۈنچى» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. قىسقا فىلىمدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارىتا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن بىرگە يەنە، «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى تونۇشتۇرۇلغان.

فىلىمدا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى باشلىقى سوفېي رېچاردسون زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە بۇ سىياسەت بويىچە ھەر بىر كىشىنىڭ چوقۇم بىر دۆلەت كادىرى بىلەن تۇغقانلىشىدىغانلىقى، ۋە بۇ كادىرلارنىڭ ئادەتتە بىر قانچە ھەپتىگىچە شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ-قوپۇپ تۇرۇپ نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «كومپارتىيەگە سادىق ئەمەس» دەپ قارالغان ئەھۋاللارنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. سوفېي رېچاردسون سۆزىدە، بۇ سىياسەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن نازارەت ۋە تەقىبلەش سىياسەتلىرى ئىچىدە ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ ئەشەددىي بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاياتىنىڭ ھەربىر ئۇششاق دېتالىغىچە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەل-جەزىرە خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر دىنى ۋە مىللىي چەكلىمە سىياسەتلىرى سەۋەبلىك كېيىنكى يىللاردا مىڭلىغان ئۇيغۇر تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت