فرېدىرېك ستار: «خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلالمايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.07.29

ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى، نوپۇزلۇق ئۇيغۇرشۇناس فرېدىرېك ستار 26‏-ئىيۇل «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى تىل-يېزىق ۋە ئەنئەنىگە ئىگە تۈركى خەلق ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ «خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلالمايدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ھەتتا ماۋ زېدوڭمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئېتىراپ قىلغان» ئىكەن. بۇ فرېدىرىك ستارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقلىق مۇستەقىل بىر مەدەنىيەت توپى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان بىر قانچە كۈن ئىچىدە 2‏-قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە پىكىر بىلدۈرۈشىدۇر.

ئۇ 24‏-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادىكى ئاتاقلىق رادىيو پروگراممىسى رىياسەتچىسى جون باشېلورنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئىكەنلىكى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت يىلتىزى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار شەھەرلەشكەن تۇنجى تۈركى خەلق بولۇپ، باشقا تۈركىي خەلقلەر تېخى كۈچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ياشاۋاتقاندا ئۇيغۇرلار مۇكەممەل شەھەر ھاياتىغا كۆچۈپ بولغان ئىكەن.

فرېدىرېك ستار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەر، سەمەرقەنتتەك شەھەرلەردە دوختۇرخانىلارنى قۇرۇپ، دوختۇرلارنى مائاش بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى ئىسسىقلىق ۋە يورۇتۇش بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، يېمەك-ئىچمەكلىرىنى كۆتۈرگەنلىكى، بۇ ئەھۋالنىڭ بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن نورمانلار تېخى ئەنگلىيەنى بويسۇندۇرمىغان دەۋردە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە 11‏-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىب بىلەن مەھمۇد قەشقەرىنى تونۇشتۇرۇپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋلىيالىرى» دەپ قارىلىدىغان بۇ ئىككى شەخسنى ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە ئېتنىك كىملىكىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قەشقەردىكى قەبرىلىرىنى چېقىۋېتىشكە پېتىنالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭغا نىسبەتەن 75 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئاپتونومىيەسى بېرىش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.