ئۇيغۇر ئېلىدىكى «پارتىيەگە ساداقىتىنى ئىپادىلەش» ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.08.04

3-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە «يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» دېگەن نامدا يىغىن ئېچىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پىڭشىن يىغىندا سۆز قىلىپ، ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشنى تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، لى پىڭشىن سۆزىدە «دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ خىتابنامىسى» دېگەن ۋە يەنە بۇ ئارقىلىق كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىنى سىنايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خوتەن كېرىيە ناھىيىسى جاي يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ۋە مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بۇ يىل 3 ئايدا‏-«ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ناملىق ئوچۇق خەت يېزىپ، پارتىيىگە سادىق بولۇپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا ئۇنىڭ خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى قوزغىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشچى-خىزمەتچى، كادىر-ئامما بولۇپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنى پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، كوللېكتىپ قەسەم بېرىش، ئىمزا قويۇش دېگەندەك ھەرىكەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.