ئۇيغۇر رايونىدىن 3 مىڭچە ئوقۇتقۇچى بۆلگۈچىلىككە قارشى ھەرىكەت ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.08.17

خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق دۆلەت ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن 2939 نەپەر ئوقۇتقۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەلىم تەربىيە بېرىش بولۇپ، ۋەزىپە مۇددىتى ئىككى يىل داۋام قىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئەنە شۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى ۋەزىپىدار ئوقۇتقۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمدا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلىپ، بۆلگۈچىلىككە ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى بىرلىك-ئىتتىپاقلىق شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلەش يەنى مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىش ئارقىلىق، ئۇلاردا مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھېسسىيات شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان، ئەمما بۇ تەدبىر خىتاي كۈتكەندەك نەتىجە بەرمىگەن؛ نەتىجىدە بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدىن مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغان. يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە جەمئىي 234 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.