بورتالادا كەنجىبەك ئانارخان دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىلگەن

بۈگۈن رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بورتالانىڭ دالىتا بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق كەنجىبەك ئانارخان مەھەللە كويلىرىغا قازاقىستان ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈشىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، كەنجىبەك ئانارخان ئۈستىدىن مۇشۇ ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدە مەخپىي سوت ئېچىلغان. كەنجىبەكنىڭ ئادۋوكات تۇتۇش پۇرسىتى بولمىغان، ئائىلىسى سوت ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.

يەنە خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا بورتالادىكى جارقىنبەك دېگەن كىشىمۇ ئىككى ئوغلىنى قازاقىستان ۋەتەنداشلىقى ئۈچۈن يولغا سالغانلىقى سەۋەبلىك بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق كېسىلگەن.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا قازاقلارغا قارىتا زۇلۇمنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كۆپەيمەكتە.