خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى-غۇلجا تاش يولىدا غۇلجىغا كېتىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى تۇتۇپ قالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.08.29

خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 28‏-ئاۋغۇست غۇلجىغا كېتىۋاتقان ئاز دېگەندە 7 نەپەر ئۇيغۇر يولۇچىنى ئۈرۈمچى -غۇلجا تاش يولىنىڭ جىڭ ناھىيىسىگە ئاز قالغان بىر يېرىدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈرۈۋېلىپ تۇتۇپ قالغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يولۇچىلارنىڭ ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىنىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب ئۇلارنىڭ جەنۇبلۇق بولغانلىقى ئىكەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبتىن غۇلجىغا ساياھەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى غۇلجا شەھىرىگە كىرگۈزمەي قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۈرۈمچى-غۇلجا تاش يولى ۋە غۇلجا بىلەن كورلا ھەم كۇچا ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىنى كونترول قىلىپ، جەنۇبلۇق يولۇچى ئىكەنلىكىنى پاش قىلغانلارغا 50 سوم ئۈستەك بەرمەكتە ئىكەن. ئۇ، بۇ خىل ۋەقەنىڭ ئۈرۈمچى-غۇلجا تاش يولىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى جەنۇبتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ غۇلجا شەھىرىگە كېڭىيىشىنى كونترول قىلىش، دەپ كۆرسەتتى. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى، بۇ تەدبىرنى تەنقىدلەپ، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك پۇراپ تۇرغان بۇ خىل رادىكال سىياسەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ۋە سودا ئەركىنلىكى، جەنۇب بىلەن غۇلجىنىڭ مىللىي بىر پۈتۈنلۈكىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.