ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: «خەلقىمىز تېخىچە ئازابتا قىينىلىۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد ئاتا قىلغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرى، جۈملىدىن زۇمرەت داۋۇت قاتارلىقلار ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتقانىكەن. زۇمرەت بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ھازىر بىزنىڭ يۇرتىمىز خۇددى ئوت كەتكەن بىر ئۆيگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. ئوت ھازىر ئۇلغايماقتا ھەمدە ئۆينى كۆيدۈرۈپ بالىلارنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەپسۇسكى مەن شۇنچە نالە-پەرياد سالغان بولساممۇ بىزنى قۇتقۇزغىلى ھېچكىم كەلمەيۋاتىدۇ» دېگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن، «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلار، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى، تېببىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق «قىرغىنچىلىق» تەبىرىدىكى قىلمىشلار بايان قىلىنغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە دوكلاتتا گەرچە «قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك بولغان بىر خەلقئارالىق ئورگاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى كۆپلىگەن قەلبلەرگە ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولغان.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن بۇ دوكلاتنىڭ ماھىيەتتە ئۆزلىرى يىللاردىن بۇيان دۇنياغا ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئەھۋالنى يەنە بىر قېتىم دەلىللەش بولغانلىقىنى، ئەمدى دۇنيانىڭ بۇ ھەقتە ئەمەلىي بىر قەدەم ئېلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە؛ «بۇ دوكلات خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى تەسۋىرلەشتە ئانچە كۈچلۈك ئەمەس. بىز ئەمدى يالغۇز باياناتلار ئېلان قىلىش ياكى ‹ئەندىشە قىلىش›نى ئەمەس، ئەكسىچە ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى كۆرۈشكە تەشنا» دېگەن. ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ خىلدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغانلار قاتارىدىن يەنە ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەتمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.