رويتېرس ئاگېنتلىقى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ئەكسىچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھېلىھەم ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-09-23
Share

رويتېرس ئاگېنتلىقى 23-سېنتەبىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە بۇ يىلنىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىلىرى گەرچە يۇرتلىرىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىشالمايۋاتقان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشى لازىملىقىنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئەمەلىيەت ئەمەسلىكى مىساللىرى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ھەدىسى رەيھان ئەسەتنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە يېقىنلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ قايتا-قايتا يازغان خەتلىرىنىڭ جاۋابسىز قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىبا مۇرات مۇخبىرلارغا ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ ئاپىسى ھەققىدە ئالغان بىردىن-بىر رەسمىي خەۋىرىنىڭ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 2020-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان بىر قۇر سۆزى يەنى، گۈلشەن ئابباسنىڭ «تېرورلۇق جىنايىتى» ۋە «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ يىل 5-ئايدا گۈلشەن ئابباسنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇرالغۇسىنى ئىزدەپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ قارا خەتلەر بىلەن پىچەتلەنگەنلىكىنى كۆرگەن. دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، بۇ پېچەت ئۈرۈمچىدىن ئىنتايىن ئۇزاقتىكى ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن سېلىنغان ئىكەن.

رەيھان ئەسەتنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ ئاقسۇدىكى تۈرمىگە قامالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەكبەرنىڭ ئاقسۇدىكى تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە 4 يىل ۋاقىت كەتكەن. رەيھان ئەسەت مۇخبىرغا: «بىز بەك گاڭگىراپ قالدۇق. ئۇ نېمىشقا ئاقسۇدا بولىدۇ؟. . . مېنىڭچە، بۇ كىشىلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ روھىنى تېخىمۇ قاتتىق بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان،» دېگەن.

زىبا مۇرات بولسا خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر گۇۋاھچىلارنى «يالغانچى» غا چىقىرىش ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېكرانغا چىقىرىپ سۆزلەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «گەرچە ئاپامنى ئۇنداق ھالەتتە كۆرۈش يۈرىكىمنى ئاغرىتسىمۇ، بىراق ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھاياتتا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتىم،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت