ئۇيغۇر دىيارىدا «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش كۈرىشى» تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.10.15

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» داۋامىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ تارتىپ چىقىلغانلىقى ۋە لاگېرغا ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. يېقىندا بۇ كۈرەشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 14-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 13-ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ چىققان، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇقلارنى بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «تۆت تونۇش»، «تۆت ئىشەنچ» قاراشلىرىنى مۇستەھكەملەش، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسىدا «زور شىجائەت بىلەن قارا ۋە رەزىل كۈچلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىپ چىقىش، ئىدىيە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاش» تەلەپ قىلىنغان.

لاگېر مەسىلىسى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى ئانالىزچىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئېلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھېچقاچان توختىتىپ باقمىغان. بۇ قېتىم ‹قارا ۋە رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش› نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىللىرىنى داۋاملىق يوقاتسا بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن باشقا نامدىكى يەنە بىر باستۇرۇش ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.