بايىنغولىن ئوبلاستىدا ھەربىر كەنتتە بىردىن سوتخانا قۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.11.05

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا خالىغانچە تۇتقۇن ۋە جازالاشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېلان قىلماقتا.

14-نويابىر كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە تارقىتىلغان بىر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى يېقىندا «بىر كەنت (مەھەللە) بىر سوتچى» خىزمەت مېخانىزمى ئورناتقان بولۇپ، بۇ مىخانىمزمغا ئاساسەن ئوبلاست مىقياسىدىكى ھەربىر كەنت-مەھەللىدە بىر سوتچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان 608 سوتخانا قۇرۇلغان.

«بايىنغولىن ھۆكۈمەت تورى» خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «. . . بۇ سوتخانىلار ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەدلىيە مۇلازىمىتىنى كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە كېڭەيتىدۇ ۋە كىشىلەرگە ئادىللىق ۋە ئادالەتنىڭ بارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.»

يۇقىرىقى بۇ خەۋەر چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامال ۋە نازارەتنى مىسلىسىز كۈچەيتكەنلىكى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئادىل ۋە قانۇنىي سوت تەرتىپىسىز ھالدا جازالاشنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن.

رادىيومىز ئىلگىرى يەرلىكتىن ئېنىقلىغان ئۇچۇرلاردا لاگېرلارغا قامالغانلار ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلارغا بىر پارچە قەغەزگە تەييار يېزىپ قويۇلغان سوت ھۆكۈمنامىلىرىنىڭ ھېچقانداق سوت تەرتىپى بولماي تۇرۇپ تۇتقۇزۇپ قويۇلۇۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ خالىغانچە 5-10 يىللىققىچە كېسىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

«بايىنغولىن ھۆكۈمەت تورى» بدىكى خەۋەردە بېرىلگەن خەۋەردە يەنە بىر قاتار دىققەت قوزغايدىغان سانلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەر دىيىلگەن: «ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى كەنت (مەھەللە) سوتچىلىرىنىڭ خىزمەت پونكىتىغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ 1300 دىن ئارتۇق زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان، 100 دىن ئارتۇق تۈرلۈك قانۇن تەشۋىقاتى پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، 22 مىڭ تەربىيە كۆرگەنلەر ۋە ئامما ئۈچۈن 1600 قانۇنىي مەسلىھەت بەرگەن. 315 كەنتتىكى دەۋا دېلولىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، 127 كەنت يىل بويى «نۆل دەۋا» بولۇشنى قولغا كەلتۈردى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.