خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 2022-يىلدىن باشلاپ كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.11.09

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا يېڭى بەلگىلىمە ماقۇللاپ، خىتايدىكى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئېلىنى 2022-يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى قارار قىلغان. ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ماقۇللانغان «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى نىزامى» ناملىق بۇ بەلگىلىمە 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن.

بۇ بەلگىلىمىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا قارىتا قىزىقارلىق ئېنىقلىمىلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە كۆرۈشىنى توغرا چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، رەزىل تېررورچى كۈچلەر، دىنىي رادىكال كۈچلەر ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قانۇنسىز، جىنايى ھەرىكەتلەر» گە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي دائىرلىرى بۇ بەلگىلىمە ئارقىلىق ئ‍ۆزلىرىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا قوللانغان تەدبىرلىرىنى قانۇنلاشتۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بەزى غەرب پارلامېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەنىدى. «زىمىستان» نىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى بەلگىلىمىدە «گۇرۇھلار ۋە رەزىل تەشكىلاتلار» غا قارشى تۇرۇش 2-ئورۇنغا، ئىسلام دىنىنى باستۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى «قايتا تەربىيەلەش» 3-ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئوغرىلىق، پارىخورلۇققا ئوخشاش ئىجىتىمائيي جىنايەتلەر ئاخىرقى ئورۇندا تۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ 30-ماددىسى بولۇپ، بۇ ماددىدا ئۇيغۇر ئېلىدە «قەپەس سىستېمىسى» نى تولۇق ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.