ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۈچ خەۋەرنىڭ ئاپتورى«22-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئاخبارات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاخبارات ساھەسىدىكى پىداكارلىق ۋە جاسارەتنى تەقدىرلەش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان «ئىنسان ھەقلىرى ئاخبارات مۇكاپاتى» نىڭ 22-نۆۋەتلىك باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى.

12-ماي كۈنى خوڭكوڭدا ئېلان قىلىنغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردىكى ئاخبارات ئەسەرلىرى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى جاكارلانغان.

مەزكۇر مۇكاپات كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «بازفېد خەۋەرلىرى» نىڭ خادىمى مېگا راجاگوپالان، بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى گېررىي شى، «ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ مۇخبىرى جوش چىن قاتارلىقلار بۇ يىلقى ئىسىملىككە كىرگەن.

بۇلاردىن مېگانىڭ «21-ئەسىردىكى نازارەت دۆلىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ!»، گېررىي شىنىڭ «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار» ۋە جوش چىننىڭ «شىنجاڭدىكى ئون ئىككى كۈن» ناملىق ئاخبارات ئەسەرلىرى خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رېئاللىقنى ئەڭ جانلىق، چىن ۋە تەپسىلىي شەكىلدە بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن غايەت زور ساندا ئوقۇلغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت قاتتىقلاشقانسېرى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا بولغان قىزىقىشى ئېشىپ بارماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت