نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى «ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋەر قىلىنمىغان قانلىق ۋەقەلەر» تېمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى
2015.02.27
ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئارقا - ئارقىلاپ 3 چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى ئۆلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئۇنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ۋەقەلەرنى ئېلان قىلمىغان. بىراق، ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن باي ناھىيىىسى ۋە قاغىلىق ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ ئېنىقلاشلىرى نەتىجىسىدە ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى دەلىللەنگەن ئىدى.
13 - فېۋرال كۈنى گۇمىدا بىر پىدائىي ئۆزىگە پارتلاتقۇچ باغلاپ، 8 ساقچىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دادا - بالا ئىككى كىشى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىقىپ 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. بىر كۈندىن كېيىن يەنى 17 - فېۋرال كۈنىدە باي ناھىيىسىنىڭ ياقائېرىق بازىرىدا توقۇنۇش چىقىپ، 17 كىشى ئۆلگەن ئىدى.
بۈگۈن، نيۇيورك ۋاقتى بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن مۇشۇنداق زور ۋەقەلەرنىڭ جىم - جىتلا بېسېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن : «يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ بىرى ئەگەر ئامېرىكىدا ياكى ياۋرۇپادا يۈز بەرگەن بولسىدى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەپتىلەرچە توختىماي بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغان، مەملىكەت بويىچە نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق بولۇپ مۇشۇنداق بىر ۋەقە چىققانلىقى ھەققىدە ئايلارچە مۇنازىرە قوزغىلىپ كەتكەن بولاتتى. ھەتتا بۇ ۋەقەلەر ئىراق، پاكىستان، سۈرىيىلەردە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىق خەۋەر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان بولاتتى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى خەۋەر ئورگانلىرى بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىدە يۇقىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ بەزى ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ دەلىللىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار شۇنداقلا ئەمەلىيەتتە، يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىۋالغانلىقتىن بۇ ۋەقەلەردىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.