ئۇيغۇرلار ئۈچ يىلدىن بۇيان بېرىلگەن «ياردەم» دە يەنە چەتتە قالدى
2013.05.20
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى بۈگۈن، خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىغا بەرگەن ئاتالمىش ياردەملىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە 2662 ياردەم تۈرى ئەمەلىيلەشكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە رايونغا 258 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ مەبلەغنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دۆلەت دەرىجىلىك كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇت-فابرىكا قۇرۇلۇشلىرى ۋە سودا تىجارەت يوللىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان؛ مەبلەغنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى يەنى 15 مىليارد سوم پۇل ناھىيە، يېزىلاردىكى مائارىپ ۋە سەھىيە قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىنغان.
خەۋەردە، بۇ ياردەم تۈرلىرىدىن ئۇيغۇرلار ياكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ قانچىلىك نىسبەتتە بەھرىمەن بولالىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ھەمدە رايوندىكى سودا-سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مونوپول قىلىنغانلىقى نەزەردە تۇتۇلسا، ئۆتكەن ئۈچ يىللىق ئاتالمىش ياردەم دولقۇنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا چەتتە قالدۇرۇلغانلىقى يەنى بەھرىمەن بولالمىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
خىتاينىڭ يېقىنقى ئاتالمىش شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دولقۇنى 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن دەرس ئېلىش نەتىجىسىدە يولغا قويۇلغان يەنى رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلتىپ ئىسيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە پىلانلانغان ئىدى.