ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى: «لاگېردىكى 386 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيەتلەردىن بولغان ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى تۈنۈگۈن، يەنى 28-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 2017 ‏-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر رايوندىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» دە سولىنىپ ياتقان 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە تۇتقۇننىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا بۇنىڭ بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئىلمىي ساھەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەتقىقات ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بولۇپمۇ بىز ئىز-دېرىكى غايىب بولغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 21، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 15، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 13، مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 6، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىدىن 6 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 386 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئانا تىلنى قوللىنىش ۋە «قۇرئان» نى ئۆگىنىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر باياناتتا چەتئەلدە ئوقۇپ ياكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ يۇرتىغا قايتقان ئىلمىي خادىم ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق سوئال-سوراققا دۇچ كەلگەنلىكى، قاماققا ئېلىنغانلىقى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەرەپسىز بىر ئىلمىي ئورگان ئىكەنلىكى، دۇنيادا 7 مىڭ ئەزاسى بار خەلقئاراۋىي بىر ئاكادېمىك تەشكىلات ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بۇ باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئىلمىي خادىملار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشى، ئۇلارنى بىخەتەر ھالدا ئائىلىسى ۋە ئىش ئورۇنلىرىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى 23 ‏-مارت كۈنى ئۆتكۈزگەن يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنىغا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىمۇ تەكلىپ قىلغان. نۇرى تۈركەل بۇ يىغىندا ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلار ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت