ئۇيغۇر دىيارىدا زۇلۇم بولۇۋاتقانلىقى دۇنياغا مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ زۇلۇملارنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر بەزى ھالقىلار يەنىلا نامەلۇم ھالدا تۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. يېقىندا «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى باشقۇرۇشىدىكى «دۇمباق مۇنارى» سۆھبەت پروگراممىسى «قەپەز» سەرلەۋھىلىك مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى قاباھەتنىڭ ئاشۇ قاراڭغۇ سەھىپىلىرىنى قىسمەن بولىسىمۇ يورۇتۇپ بەردى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، كەۋسەر ۋايىت ۋە نىگارە قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئابدۇۋەلى ئوبرازلىق قىلىپ چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە قادىر بولالىغان ئۇيغۇرلارنى «ئۇيغۇرلارنىڭ يات ئەللەردىكى سايىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى جانلىرى بولسا تۆمۈر قەپەز شەكلىدىكى لاگېر-تۈرمىلەرگە قامىلىپ بولغان» دەيدۇ.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، چەت ئەللىك مۇخبىرلارغىمۇ قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ سۆھبەتتە سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقىي دۇنياغا قارىتا «ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى، ھايات نورماللاشتى» دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر يوللاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ جايدىكى قاباھەتنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ قاتاردا ھازىر ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىشنىڭمۇ بىر تۈرلۈك «جىنايەت» سانىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنى ئويلىساڭ زۇۋانىڭنى ئۆچۈر» دېگەن ئۇسلۇبتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بىر ئورتاق قورقۇ سېلىۋاتقانلىقى، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ روھى ئاللىقاچان «قەپەزدىكى ئىنسانلار» غا ئايلىنىپ بولغانلىقى، شۇ سەۋەبتىنمۇ ۋەتەندىكى ئاشۇ مۇدھىش قەپەزلەرگە بەنت قىلىۋېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن سۆز ياكى ھەركەتتە بولۇشتىن ئۆزلىرىنى تارتىپ كەلگەنلىكى، نەتىجىدە بۇ يوسۇندىكى سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئامانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاباھەتنىڭ داۋام قىلىشى ۋە لاگېر-تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق ئازاپ چېكىشىگە چوڭ بىر يوچۇق ئېچىلغانلىقى بايان قىلىنغان.