ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان 5435 مەمۇرغا شەرت قوشۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىل «ئادەتتىن تاشقىرى» تەدبىر بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى تولۇقلاشنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، جەمئىي 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە، يۇقىرىدىكى 5435 خىزمەت ئورنى ئىچىدە «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىزىملىتىشقا بولىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى 75 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ» دېيىلگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايدىن باشقىلار ئىلتىماس قىلالمايدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى بارلىقىنى ئېنىق ئىپادە قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتچىلىك نۇقتىئىنەزىرى بىلەن شەرت قويۇپ، ئۆزلىرى چىقارغان ئاپتونومىيە قانۇنلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا 47 ئاز سانلىق مىللەت بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا، يۇقىرىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولۇش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى مەمۇرلۇق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان يېڭى مەمۇرلارغا يەنە بۇلتۇرقىلاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئالدى بىلەن بىر يىل مۇددەت بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنىڭ يېزا يەسلىلىرىگە بېرىپ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش شەرتى قوشۇلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان جەنۇبتىكى يېزىلاردا «قوش تىل يەسلىلەر» نى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قاتتىق كۈچەيتىش ھەققىدىكى سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت