ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاراتقۇلاردا نورۇز بايرىمى تىلغا ئېلىنمىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان نورۇز يېتىپ كەلگەن بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھېچقانداق بىر خەۋەر قانىلىنىڭ بۇ بايرامنى تىلغا ئالماسلىقى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، چاغان بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى ۋە پانۇس بايرىمى قاتارلىقلارنىڭ جاي-جايلاردا زور داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.

ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە پانۇس ۋە مەسنەۋى ئېسىپ، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناپ، ئاي توقىچى يەپ بايرام تەبرىكلىگەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان «تەڭرىتاغ تورى»، «خەلق تورى»، «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى» قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 21-مارت كۈنىدىكى سەھىپىسىدە ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمى توغرىسىدا بىر پارچىمۇ خەۋەر بېرىلمىگەن. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بەتلەردىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەنتەنە بىلەن تەبرىكلىنىدىغان نورۇز بايرىمىنىڭ تەبرىكلەنگەنلىكىگە دائىر خەۋەر ئېلان قىلىنمىغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى خاسلىقىنى ئىپادە قىلىدىغان بارلىق مىللىي بايراملارنىڭ بىردەك چەكلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ فېيسبۇكتىكى خىتاي تىلى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان يازمىسىدا بۈگۈن گەرچە ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار ئورتاق تەبرىكلەيدىغان ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمى بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا سولىنىپ، ئائىلە بويىچە ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى 2017-يىلىدىن باشلاپ، لاگېرغا قاماش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز ئانا تىلىدىن، مىللىي ۋە دىنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىللىق نورۇز بايرىمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدىغان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋېلىندى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك بۈگۈن تىۋىتتېردا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان بارلىق خەلقلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت