خىتاينىڭ ئامانلىق تەدبىرلىرى قەشقەر قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا تىجارەتچىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى «تېررورلۇق» قا قارشى نۇرغۇن ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى.

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىل ئامانلىق تەدبىرلىرى قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تىجارەتچىلەرگە ئېغىر زىيان سېلىپ، نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن. يېقىندا قەشقەر شەھىرىنىڭ «غەربىي دىيار» كوچىسىغا جايلاشقان بىر قانچە دۇكان شۇ سەۋەبلىك تاقىۋېتىلگەن.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بىر كۈنى مەزكۇر كوچىغا جايلاشقان بىر ھاراق-تاماكا دۇكىنى مال چۈشۈرگەن. دۇكاندار مال چۈشۈرۈۋاتسا ساقچىلار دەرھال يېتىپ كېلىپ يۈك ئاپتوموبىلىنى دەرھال يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان. ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى ساقچىلارغا بىر قانچە ئېغىز سۆز قايتۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر دۇكان تاقىۋېتىلگەن. «غەربىي دىيار» كوچىسىدىكى يەنە بىر دۇكاندىن ساقچىلار توكلۇق گۈرۈچ دۈملەش كورىسى بايقىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇكاننى تاقىۋەتكەن.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، دۇكاندار ساقچىلارغا تىلخەت يېزىپ بېرىپ دۇكاندا ھەرگىز توكلۇق كورا ساقلىماسلىققا ۋەدە قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دۇكاننى قايتا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇنداق ۋەقە ئوخشاش مەزگىلدە يەنە «غەربىي دىيار» كوچىسىدىكى ئىككى ئاشپۇزۇلنىڭ بېشىغا كەلگەن. بۇ كوچىدىكى بىر توخۇ قورداقخانىسىنىڭ خوجايىنى «مانېۋىر» غا ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ چىقمىغانلىقى ئۈچۈن دۇكىنى تاقالغان. بۇ كوچىدىكى يەنە بىر ئاشپۇزۇل «زېرەك ئايال لەغمەنخانىسى» پىچاقنى زەنجىرلىمىگەنلىكى ئۈچۈن «تېررورلۇق قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى» دەپ تاقىۋېتىلگەن. لېكىن خەۋەردە بۇ ئىككى ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» نى قوغداش نامىدا ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە سېلىۋاتقان پاراكەندىچىلىكى ئۇلارغا ئېغىر زىيانلارنى سېلىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان. بۇمۇ نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت