خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئايرودروملارنى تېز كۆپەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-04-11
Share

«تەڭرىتاغ تورى»دا 11-ئاپرېل تارقىتىلغان خەۋەردە 10-ئاپرېل كۈنى يەكەن ئايرودرومىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىپ، 7-ئايدا مەزكۇر ئايرودرومدا ئاۋىئاتسىيە توشۇش مۇلازىمىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە يەكەن ئايرودرومنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 19-توشۇش ئايرودرومى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە بۇلتۇردىن بۇيان «ھاۋادىكى يىپەك يولى»قۇرۇلۇشى پىلانىغا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسلىدىكى كونا ئايرودروملارنى كېڭەيتىش، يېڭىدىن يۈك توشۇيدىغان ئايرودروملارنى ياشاش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ 14 توشۇش ئايرودرومىنى قۇرۇش پىلانىغا ھازىرغا قەدەر يېڭىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇش باشلانغان ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا، خوتەن، كورلا،چۆچەك، ئالتايدىكى كونا ئايرودروملار كىرىدىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە كۈنەس، كېرىيە، تاشقورغان قاتارلىق جايلاردىكى ئايرودروم قۇرۇلۇشلىرىنى بۇ يىل ئىچىدە تاماملاش، شىخۇ ھەربىي ۋە پۇقرالار ئايرودرومى،قوبۇقسار ئايرودرومى، جۈندوڭ (چىتەي)ئايرودرومى، بايىنبۇلاق، باركۆل، ئالار ئايرودروم قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىش پىلانى تىلغا ئېلىنغان. ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلاردىن بىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئايرودروملارنى كېڭەيتىش ۋە يېڭىدىن ئايرودروم ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ يولۇچى توشۇش ۋە يۈك توشۇشقا قۇلايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان ئايرودروم قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەربىي يۆتكەش ئىشلىرىنى قۇلايلاشتۇرۇش مەقسىتىمۇ بارلىقىنى تەھلىل قىلماقتا.

بۇ يىل 14-فېۋرال خوتەن گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، 28-فېۋرال ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ كىشىلىك قوراللىق مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان خىتاي ئەسكەرلىرىدىن نەچچە مىڭ كىشىنىڭ قەشقەر كوچىلىرىدا مېڭىپ خەلققە كۈچ كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئايروپىلان ئارقىلىق قەشقەرگە ئەڭ تېز سۈرئەتتە يۆتكەپ بېرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت