ئۇيغۇر رايونىدا پۇقرالار «قارا گۇرۇھلار ۋە رەزىل كۈچلەر» نى پاش قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.22

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا باشلىغان «قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» دولقۇنى كەڭ كۆلەملىك پاش قىلىش ھەرىكىتىگە ئايلانماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر پۇقرالارنى ئاممىۋى يىغىن، سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە تەشكىللەپ، كىشىلەرنىڭ سادىر قىلغان «رەزىللىك» كە دائىر قىلمىشى ياكى «قارا گۇرۇھلار» بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پاش قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ 22‏-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس پاش قىلىش ساندۇقى تەسىس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئاقتۇ بۇ ھەرىكەت ئەڭ شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر پۇقرالارنىڭ «قارا گۇرۇھلار» بىلەن ئالاقىسى بار ياكى «رەزىل» قىلمىش سادىر قىلغان، دەپ قارالغان كىشىلەرنى پاش قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەقىب ئاستىدا تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە قوزغىغان بۇ ھەرىكەت، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرغا قاماق جازاسى بېرىش ياكى لاگېرلارغا سولاش ئۈچۈن چىقارغان ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تورىنىڭ 20‏-ئاپرېل خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئاقتۇ ناھىيىسىدە يەنە كۆچمە نوپۇس ۋە ئۆي ئىجارە بېرىشنى «قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندۇرغان. ناھىيىلىك پارتكوم 20‏-ئاپرېل كۈنى ناھىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كادىرلىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ، «قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش» كۈرىشىنىڭ نىشانى سۈپىتىدە پۇقرالارنى سەپەرۋەر قىلىپ، كۆچمە نوپۇس ۋە ئۆي ئىجارە بېرىشنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «قارا كۈچلەرنى تازىلاش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش» سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» نىڭ ئارقىسىدىكى «ھىمايىچىلىرى» گە زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.