ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى يېڭىۋاشتىن بېكىتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.06

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىدە مۇھىم ئامىل بولغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى يېڭىۋاشتىن بېكىتىش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆز تەۋەلىكىدىكى بەش مىليون موغا يېقىن تېرىلغۇ يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن يەر ئىگىلىرىگە يېڭىدىن گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن، بۇ گۇۋاھنامىلەرنى بولسا رەنىگە قەرز ئېلىش ئۈچۈن رەنىگە قويۇشقا بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يەرلەرنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنى بېكىتىش خىزمىتى ئاقسۇنىڭ ھەممىلا يېرىدە تاماملانغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن كېيىن بارلىق ئۇچۇرلار ئارخىپلاشتۇرۇلغان ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «يېزا نوپۇسىدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى لاگېرلارغا قامالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تاشلىنىپ قالغان تېرىلغۇ يەرلىرى ئىگە-چاقىسىز قالغان. ئەمدىلىكتە بۇ خىل تىزىملاش بۇ يەرلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۆتۈشىگە يول ئېچىشى مۇمكىن،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.