ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «بىڭتۇەن» نى تارقىتىۋېتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا ۋە ئۇنى تارقىتىۋېتىشكە چاقىردى.

«بىڭتۇەن: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېرىم ھەربىي مۇستەملىكىچى كۈچى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا، «بىڭتۇەن» نىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مونوپوللۇقىدىكى بوز يەر ئېچىپ، چېگرانى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان بىر مۇستەملىكىچى ئورگان ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

«بىڭتۇەن» 1954‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 14 دېۋىزىيە، 200 غا يېقىن پولك ۋە بىر قانچە شەھەردىن تەشكىل تاپقان غايەت زور يېرىم ئىقتىسادى، يېرىم ھەربىي گەۋدە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن «بىڭتۇەن» نىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلىق سالاھىيىتى بەرگەن. لېكىن بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئۇلار «بىڭتۇەن» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق، يەرلىك خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «بىڭتۇەن» نىڭ تەشۋىقات، شەھەرلىشىش، تۈرمە، ھەربىيلىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش ۋە يېزا-قىشلاق سىياسىتى يەرلىك خەلقنىڭ ماكانسىز قېلىشى، مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دوكلاتتا يەنە، بىر قانچە ھالقىلىق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «بىڭتۇەن» گە خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىش ۋە ئۇنى تارقىتىۋېتىش، ئۇزۇن مەزگىللىك قايتا-تەقسىم قىلىش پىلانى تۈزۈپ، «بىڭتۇەننىڭ قولىدىكى يەر-زېمىن ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بۆلۈپ بېرىش»، بىڭتۇەننى قورالسىزلاندۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«بىڭتۇەن» 1970‏-يىللارنىڭ باشلىرىدا تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن 1981‏-يىلى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت