تۇمشۇق شەھىرىدە بىڭتۇەننىڭ ئايرودرومى جىددىي ياسالماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-06-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى دۆلەت» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئايرودروم قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقانلىقى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا تاماملانغان شىخەنزە شەھىرىدىكى ئايرودرومدىن كېيىن، بىڭتۇەن قاتناش ئىدارىسى تۇمشۇق شەھىرىدە يەنە بىر چوڭ ئايرودرومنىڭ جىددىي ياسىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ 2018-يىلى 10-ئايدا ئايروپىلان قاتنىشىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇمشۇق شەھەرلىك ئايرودروم دۆلەت ئىچىگە قارىتىلغان پۇقرالار مۇلازىمىتىدىكى ئايرودروم بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا قاتناش-تىرانسىپورتى ۋە ھەربىي ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىڭتۇەن يېقىندا تاماملىغان ئىككىنچى ئايرودروم ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر ئايرودروم قۇرۇلۇشى 2016-يىلى 3-ئايدا باشلانغان بولۇپ، «بىڭتۇەننىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش مۇئەسسەسىلىرىنىڭ بىرى» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئايرودروم پۈتكەندە تۇمشۇقتىن ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، كورلا قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى ئېچىلىدىكەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ‹ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى› دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بىڭتۇەننىڭ ئايرودروم ياسىشى خەلققە خىزمەت قىلىشتىن كۆرە بىڭتۇەننىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بو بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق كونتروللۇققا خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلىدۇ،» دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت