داررەن بايلەر: ئۇيغۇرلار چاغاندا تېشىدا كۈلۈپ، ئىچىدە يىغلاۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.26

ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى داررەن بايلەر ئالدىنقى كۈنى بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە تېشىدا كۈلۈپ ئىچىدە يىغلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى چاغانلىق پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ۋىدىيو ۋە رەسىملەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، كۆرۈنۈشتىكى كەيپىياتنىڭ پۈتۈنلەي سۈنئىي ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق چاغان پائالىيەتلىرىگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بۇ ئاپتور، ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاندا پانۇس ئېسىش، خىتايچە خەتلەر بىلەن ئىشىك بېزەش ۋە جۇۋاۋا يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقى، ئەگەر بۇنى قىلمىسا يېپىق تەربىيە لاگېرىغا ئەكېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

خىتاينىڭ ئۆتكەن يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويغان رامىزان چەكلىمىلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن داررەن بايلەر بۇ ماقالىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇ قېتىمقى چاغان پائالىيەتلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھان مەيدانى سۈپىتىدە قوللانغان.

ماقالىسىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەسىراتلىرىغىمۇ ئورۇن بەرگەن داررەن بايلەر، قىزىل رەڭگە پۈركەنگەن چاغانلىق كۆرۈنۈشلەر ئۈستىدە مۇنداق پىكىر بايان قىلغان: «بۇ خىتاي دۆلەت تېررورىنىڭ خەنزۇ ئاتىدارچىلىق كۆرۈنۈشى بىلەن پەردازلىنىشى»، «بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنىڭ تەسۋىرى».

ئاپتور داررەن بايلەر بۇ ماقالىسىنى ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سەنئەت ھاياتى ناملىق» بلوگىدا ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.