چاغاندا ئاقسۇ شەھىرىدە 28 مىڭدىن ئارتۇق پانۇس ئېسىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.02.18

خىتاينىڭ بۇ يىلقى چاغان بايرىمى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك پانۇس ئېسىش، مەسنەۋىلەر ۋە لوزۇنكىلار ئېسىش ھەم باشقا تىپىك خىتاي مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇراسىملار بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىكى سۈرەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۆز مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار، شەھەرلەردىن تارتىپ يېزا-قىشلاقلارغىچە چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەنگەن. چاغان مەزگىلىدە بەزى جايلاردا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتايچە كىيىندۈرۈلۈپ، پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇلغان، كۆپلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە، ھويلىلىرىغا ۋە ئىشىك ئالدىلىرىغا پانۇس ھەم خىتايچە مەسنەۋىلەرنى ئاسقان مەنزىرە شەكىللەندۈرۈلگەن. 

چاغانلىق بېزەش ئىشلىرىغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجراتقان بولۇپ، ئاقسۇ ئاخبارات تورىدىكى ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى ئومۇميۈزلۈك چاغانلىق كەيپىياتىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك كوچا ۋە جامائەت ئورۇنلىرىغا 28 مىڭ640 دانە پانۇس ئېسىلغان، 1781 مەسنەۋى چاپلانغان ۋە 1824 تەشۋىقات دوسكىسى ئىشلەنگەن، 288 ھەر خىل چىراغ ۋە باشقا خىتاي مىللىي ئەنئەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان چاغانلىق بۇيۇملار ئېسىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كوچىلارغا 220 خىتاي دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان ئىكەن. 

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلىۋاتقىنى خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ئەنئەنىسىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇنىڭ ئەكسىچە دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ رامزان ۋە قۇربان ھېيت-بايراملىرىدىكى دىنى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولۇپ، رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە چەكلەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.