ئىلى ئوبلاستى كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنى يەنە 15 كۈن ئۇزارتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.02.17

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئەڭ كۆپ تارقالغان جاي-ئىلى ئوبلاستىدا دائىرىلەر پۇقرالارنىڭ كوچىغا چىقىشى ۋە ئاپتوموبىل قاتنىشىنى يەنە 15 كۈن ئۇزارتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ غۇلجىدىكى بىڭتۇەن 4‏-دېۋىزىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلى ئوبلاستىدىكى يۇقۇمدارلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدىكى ئومۇمى يۇقۇمدارلارنىڭ 3 تىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە سالامەتلىك كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى پۈتۈن رايون مىقياسىدىكى يۇقۇمدارلارنىڭ 16‏-فېۋرال كۈنى 75 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئورۇننىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۇقۇمدارلارنىڭ 28 نەپىرى ئىلى ئوبلاستىدا، 23 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، قالغانلىرى بورتالا، سانجى، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بايقالغان ئىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم 14‏-فېۋرال كۈنى يىغىن چاقىرىپ، ئىلىدا پۇقرالارنىڭ كوچىغا چىقىشى ۋە ئاپتوموبىل قاتنىشىنى يەنە 15 كۈن ئۇزارتىشنى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىشنى قارار قىلغان.

ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مىكرۇ بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان 4 ماددىلىق قاراردا ھەرقايسى ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ ئىشىكنى چىڭ ئېتىپ، كىشىلەرنى ياخشى باشقۇرۇشى، ئىجتىمائىي رايون خادىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

يەرلىك دائىرىلەر ۋىرۇسنىڭ مەزكۇر رايوندا تېخىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ خىل قامالنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ۋە ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 16‏-فېۋرال كۈنى رايوندا يېڭىدىن يەنە 4 يۇقۇمدار بايقىلىپ، يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمى سانى 75 كە يېتىپ بارغان. مەزكۇر ئورگان17‏-فېۋرال ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلى ئوبلاستىدا بايقالغان 28 يۇقۇمدارنىڭ 18 نەپىرىنىڭ يەرلىكتە، 10 نەپىرىنىڭ غۇلجادىكى بىڭتۇەن 4‏-دېۋىزىيەسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.