خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە شەھەر بازارلاردىكى چېقىپ تاشلانغان 1635 كونا مەھەللە ۋە ئورۇندا قۇرۇلۇش باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-02
Share

خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر بازارلىرىدا چېقىپ تاشلانغان 1635 كونا مەھەللە ۋە ئورۇندا قۇرۇلۇش باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ رايوندىكى «كونا مەھەللە ۋە ئورۇنلارنى ئۆزگەرتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتكلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەقسىتى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەھەللە ۋە رايونلىرىنى بۇزۇپ، مەھەللە ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ۋەيران قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-ۋە 2020-يىللىرى «ئۆزگەرتىپ قۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر-بازارلىرىدىكى 1892 كونا مەھەللە ۋە رايوننى چېقىپ تاشلىغان. بۇ قۇرۇلۇش ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ، كۇچار، خوتەن قاتارلىق جايلاردا سىناق تەرىقىسىدە باشلانغانىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە رايوندىكى چېقىپ تاشلانغان كونا مەھەللە ۋە ئورۇننىڭ 1635 دە قۇرۇلۇش باشلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرلىرىنىڭ پىلانى رايون مىقياسىدىكى 5000 كونا مەھەللە ۋە ئورۇننى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش بولۇپ، بۇ 750 مىڭ ئائىلىگە چېتىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى تۈرمە، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكىس ئەتكەن قۇرۇلۇش ۋە ئورۇنلارنى چېقىپ تاشلاشقا ياكى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. بۇ جەرياندا ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوزلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن مەھەللە، يېزا ۋە كەنتلىرىدىن كۆچۈرۈلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت