خىتاي ئەمەلدارى ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى

2018-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرىقى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى مەزكۇر رايوندا دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان. بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي ۋە دىنىي ئىشلا ر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەخمۇت ئوسمان 4‏-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان.

ئۇ، «بىزنىڭ ئەمەلىيىتىمىز شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. رايوندىكى ھەر قايسى دىنىي گۇرۇھلار يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىققا ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىنىي ساھەگە بولغان مەمۇرىي ئىقتىدارىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى» دېگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئامېرىكا خەزلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، ناماز ئوقۇش، دىنىي كىيىنىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەربىيە ئېلىشى، مەسچىتكە كىرىشى، ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىش، ھالالغا ئەمەل قىلىش قاتارلىق. . . . . . . دىنىي ھەقلەرنى چەكلەپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«جۇڭگو گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەخمۇت ئوسمان ئاخبارات يىغىنىدا، يەرلىك خەلقنىڭ ھەج قىلىش ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا 10 ئىسلام ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقى، مەسچىتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ «شىنجاڭدا قۇرئان ۋە سۈننىي ئىسلامدىكى ئالتە ئاساسلىق ھەدىسنىڭ بىرى بولغان سەھىھۇل بۇخارى بىر مىليون 760 مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلدى» دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى قۇرئانى كەرىم ۋە «سەھىھۇل بۇخارى» نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھنى تۇتقۇن قىلىپ، «يېپىق تەرېبىيەلەش لاگېرى» غا قامىغان. ئۇ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دا ۋاپات بولغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق چەكلىشىدىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تۇيغۇسىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇلارنى تېزرەك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت