ب ب س : خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى ئىسلامى مەكتەپنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا يول قويدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.05.25

ب ب س قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان.

خەۋەرلەردە مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 300 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بەزى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر پېشقەدەم يەرلىك كادىر، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدە بېسىم يوقلۇقىنى، چەتئەللەرنىڭ بۇ سىياسەتلەرنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە تەرەپسىز پوزىتسىيە تۇتمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇ يەرلىك كادىرنىڭ بايانلىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەچكە، چىنلىق جەھەتتىن ئاخباراتچىلاردا گۇمان پەيدا قىلغان. شۇڭا ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ بۇ زىيارەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.