خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوللاش ئۈچۈن ئىپتار زىياپىتى بەردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان رامىزان چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئىپتار زىياپىتى بەردى. 9-ئىيۇل كۈنى كەچتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىگە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ت. كۇمار باشچىلىقىدا ۋە ھەرقايسى باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادىغا قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقى تەنقىد قىلىندى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ھازىر خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىينى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى. ئۇلار باياناتىدا نوختىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «مىنىستىر جون كەررى بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. خىتايدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرىنى زىيارەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇنداق چەكلىمىلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىدەك خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت