«مىللەت» گېزىتى خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىسلام دىنىنى مۇھىم نىشانلارنى بىرى قىلىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تەدرىجىي بىلىنىشكە باشلىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە نەشر قىلىنىدىغان «مىللەت» گېزىتىنىڭ 3-سېنتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان شولتو بايرنېس ئىمزاسىدىكى باش ماقالىنى ئەنە شۇنداق يېڭى يۈزلىنىشنىڭ بىر ئىنكاسى دېيىش مۇمكىن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلىتى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن بىر قائىدە بولۇپ، بۇنىڭدا «قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» ھەرقاچان تەكىتلىنىپ كەلگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى مەنئى قىلىشى، بولۇپمۇ رامىزان روزىسى تۇتۇش، ساقال-بۇرۇت قويۇشتەك ئەقەللىي ئىسلامىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ «ئەسەبىيلىك» كە باغلىنىشى، ئەمدىلىكتە بولسا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھەتتا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم» دەپ سالاملىشىشى سەۋەبلىك مۇشۇ لاگېرلارغا مەھكۇم بولۇشى نۆۋەتتە «باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ قارالماقتا ئىكەن.

ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتلار ۋە باشقا ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشنىڭ چىنلىقىنى تەستىقلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرۇش ئوبيېكتى قىلىشتەك «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش قىلمىشى» ئەيىبلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان ھەمدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا توختامى ئىمزالانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت