خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.11.03

خىتاي ھۆكۈمىتى 3-ئۆكتەبىر كۈنى «شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى» نامىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىمقى دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار» غىلا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق كەمسىتىش ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق «كەڭ قورساق» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ھالبۇكى، شاھىدلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق ھەرقانداق پائالىيەتنىڭ كىشىلەرنى لاگېرغا قاماشتىكى مۇھىم سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆز ئېچىشنىڭ قىلچىلىكمۇ ئىمكانىي قالمىغانلىقىنى، ئەڭ ئەقەللىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا «مۇھەممەد» دەپ ئىسىم قويۇشقىمۇ بولمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلماقتا. ئانالىزچىلار مۇشۇ خىل رېئاللىقنى تىلغا ئالغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى دوكلاتىنى «ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمەيدىغان، يەنە كېلىپ تولا دەۋېرىپ بەكلا كونىراپ كەتكەن يالغان سۆزلەر. رامىزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىشى ئۇچىغا چىققان نومۇسسىزلىق،» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.