ماركو رۇبىئو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىگە DNA ئەسۋابى ساتقان ئامېرىكا شىركىتىگە خەت يازدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-02-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركۇ رۇبىئو ئامېرىكا تېرمو فىشېر شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مارك كاسپېرغا خەت يېزىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سورىغان.

تېرمو فىشېر DNA رەتلەش ئەسۋابى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەت بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، رەتكە تۇرغۇزۇشتا مەزكۇر شىركەتنىڭ ئەسۋابىنى ئىشلەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2017‏-يىلى 12‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئىشلەتكەن DNA ئەسۋابىنى يۇقىرىقى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ماركۇ رۇبىئو، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، كۆز قارىچۇقى، قان تىپلىرىنى توپلاپ، ئومۇمىي يۈزلۈك بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ چىقىشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدە جىددىي ئەندىشە قوزغىغانلىقى، چۈنكى خىتايدا باشقا دۆلەتلەردىكىدەك DNA ئۇچۇر ئامبىرىنى قوغدايدىغان ئۇنداق قانۇنىي كاپالەتنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈرگەن.

ماركۇ رۇبىئونىڭ تەكىتلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 2017‏-يىلى 6‏- ۋە 8-ئايدا تېرمو فىشېر شىركىتىگە ئىككى قېتىم خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق جىنايىتى يوق كىشىلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىۋاتقانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قاتار مەسىلىلەرنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەت ئۇلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەن. ماركۇ رۇبىئو خېتىدە مارك كاسپېرنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان DNA ئەسۋابىنى قانداق ئىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىغا ئالاقىدار سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ۋە بۇ ئەسۋابنىڭ خاتا ئىشلارغا ئىشلىتىلمەسلىكى ئۈچۈن قانداق ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى قاتارلىق سوئاللارنى سورىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا «ئومۇمىي خەلقنىڭ مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلىغان. ئەمما دائىرىلەر «ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەقسىتىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى توپلاش ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە ئېيتمىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت