«ئاسىيا كاتولىك خەۋەرلىرى» خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر DNA ئامبىرىنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-03-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئاسىيا كاتولىك خەۋەرلەر» تور گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر DNA ئامبىرى قۇرۇشىنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر تور گېزىتى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ غەربىي -جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ DNA ئامبىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر بېرىپ، نېمە ئۈچۈن نۇقتىلىق ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ DNA ئامبىرى قۇرۇلىدىغانلىقىغا سوئال قويغان. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 19‏-مارت بەرگەن خەۋىرىدە 3 خىتاي شىركىتىنىڭ يۈننەن قاتارلىق غەربىي-جەنۇبىي ئۆلكىلەردىكى 25 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ DNA ئامبىرىنى قۇرۇشقا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«ئاسىيا كاتولىك خەۋەرلەر» گېزىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى باھانە قىلىپ، 12 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، قان تىپى ۋە باشقا بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىشىدىكى مەقسىتىنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا راند تەتقىقات ئورنىنىڭ خەلقئارا مۇداپىئە ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسى توموتي خېس «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر DNA ئامبىرىنى قۇرۇشى خەۋپلىك دەپ قارىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىش خەۋپى زور،» دېگەن. ئۇ يەنە «DNA ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى باستۇرۇش ئېھتىماللىقىنى زورايتىدۇ،» دېگەن. «ئاسىيا كاتولىك خەۋەرلەر» تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۈننەندە قۇرۇلىدىغان DNA ئامبىرى يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىرە ۋە قان ئەۋرىشكىلىرىنىمۇ توپلايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت