ئۇيغۇر دىيارىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ھەقسىز بولماقچى
2017.11.19
خىتاينىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» ۋە «دۆلەت تىلى» دا ئوقۇتۇش دېگەندەك ناملار ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ دائىرىلىرى يېڭى بىر بەلگىلىمە، يەنى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش» قارارىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 1-دېكابىردىن ئېتىبارەن پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يەنى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ھەقسىز مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ھەقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى بويىچە ئوقۇش پۇلى، دەرسلىك ماتېرىياللىرى پۇلى ۋە مەكتەپ ياتاقخانىلىرىدا يېتىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىسىنى «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى»، دەپ تەرىپلىگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى بەلگىلىمىسىگە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىدىغان 857 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.
چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇر مائارىپ مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى كۆپ يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي مائارىپقا ئاجراتقان مەبلىغىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى، بولۇپمۇ، 13-بەش يىللىق پىلان جەريانىدىكى قوش تىلى نامىدىكى خىتاي تىللىق مائارىپقا، يەنى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللىي تىللارنى مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مائارىپنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇشقا سالغان مەبلىغى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن.