خوتەندە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قۇربان ھېيتلىق سوۋغات تارقاتقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى جازالاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوتەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى 2017‏-يىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قۇربان ھېيتلىق سوۋغات تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك جازالانغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەزكۇر باشلىقىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 11‏-ئىيۇن كۈنى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان 7 دېلونى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا خوتەن رادىيو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ما مېيخۇئا مەزكەزنىڭ 8 تۈرلۈك قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان 7 شەخسنىڭ بىرى قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان.

قالغان 6 كىشىنىڭ 2 نەپىرى ئۇيغۇر 4 نەپىرى خىتاي بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن سوۋغات قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش، كادىرلارنى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلدۇرۇش، دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ما مېيخۇئانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ھەرقانداق دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئىبادەت، دىنىي قىياپەت ۋە دىنىي كەيپىياتنى چەكلەپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە سولاۋاتقان مەزگىلدە قۇربان ھېيتلىق سوۋغات تارقىتىشى دائىرىلەرنىڭ نېرۋىسىغا تەگكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي باستۇرۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋېنبەك يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ما مېيخۇئا 2017‏-يىلى 8‏-ئايدا قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 54 مىڭ سومدەك پۇل ئاجرىتىپ، خوتەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 86 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىسىگە تاللا بازىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىش كارتىسى تارقىتىپ بەرگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت