خىتاينىڭ قۇربان ھېيتلىق تەشۋىقاتلىرى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.08.08

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازى بولغان «تەڭرىتاغ» تورى قاتارلىق توربەتلەردە بۈگۈن قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ۋە ئۇنىڭدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خىتايچە سەھىپىسى 8-ئاۋغۇست كۈنى بىر قانچە پارچە خەۋەر تارقىتىپ، قۇربان ھيېتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پۈتۈن كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھېيتنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىشى ئۈچۈن يول بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى داۋراڭ سالغان.

«تەڭرىتاغ» تورى يەنە «قۇربان ھېيتتا نەگە بېرىپ ئوينايسىز» ماۋزۇسىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئاقسۇدىكى بىر قىسىم ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ ھاياجان ئىلىكىدە ساياھەتكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە 2 مىليون كىشىنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىگە قاتتىق زەربە بېرىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان بۇ تەشۋىقاتلار كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك خەۋەرلەر بىلەن ساختا كەيپىيات بەرپا قىلىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ھەربىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ياكى ئىككى كىشى لاگېرغا قامالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاددىي دىنى پائالىيەتلىرىمۇ جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان ۋە مەسچىت قاتارلىق ئورۇنلار قاتمۇ-قات كۆزىتىش كامېرالىرى بىلەن كۆزىتىلىۋاتقان بىر شارائىتتا ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقى، ھەتتا خاتىرجەم ھالدا ھېيت نامىزىغا بارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇنداق ساختا ھېيت تەشۋىقاتى قىلىشنىڭ ئورنىغا لاگېرلاردىكى مىليونلىغان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قۇربان ھېيتتا ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.