ئۈرۈمچىدە «ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.11.23

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 23-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى» باشلانغان.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن. پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

خىتاي تاراتقۇلىرى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تۈپ مەقسىتى «ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا ياردەمچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى تەشۋىق قىلغان.

ھالبۇكى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ يىللارچە ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى يېقىندىن بۇيان رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.