توقۇزتارادىكى جىرغىلاڭ يېزىسىنىڭ ئىمامى نورۇزنى تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.18

توقۇزتارا ناھىيەسىدىكى جىرغىلاڭ يېزىسىنىڭ ئىمامى ئېرجان قۇماش ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى مۇراتبېك ئۆمەر قاتارلىق 6 كىشىنىڭ ئۆتكەن يىل 3‏-ئايدا قوشنىلارنى يىغىپ، نورۇزنى تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مۇراتبېك ئۆمەرنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق قېيناكىسى يارمۇقامەت قۇدايبەرگەننىڭ 17‏-سېنتەبىر رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، مۇراتبېك ئۆمەر ئۆتكەن يىل 21‏-مارت نورۇز كۈنى يېزىنىڭ ئىمامى ئېرجان قۇماش قاتارلىق 5 كىشى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇ يىل 2‏-ئايدا 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. يېزا ئىمامى ئېرجان قۇۋاشقا 21 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسى تۇتقۇنلارنى «قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزۈش»، «قانۇنسىز رادىكال دىنىي ئىدىيەلەرنى تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

نۆۋەتتە مۇرابېك ئۆمەر كۈنەس ناھىيەسىدىكى يېڭى سېلىنغان چوڭ تىپلىق بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. نۇرمۇقامەت قۇدايبەرگەن قەينىنىسىنىڭ «دۆلەت ئېتىراپ قىلغان دىنىي زات» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ناھىيە دەرىجىلىك سالاھىيەت كىنىشكىسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يىل 35 ياشلىق مۇراتبېك ئۆمەر جىرغىلاڭ يېزىسىنىڭ ئالمالىق كەنتىدىكى مەسچىت ئىمامى ئېرجان قۇماشنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەنىكەن. ئۇ، ئىمام ئېرجان قۇماشنىڭ ئۆتكەن يىلى 21‏-مارت كۈنى مەھەللىدىكى قولۇم-قوشنىلارنى يىغىپ، بىر ئۆيدە نورۇزنى تەبرىكلىگەنلىكى، بۇ جەرياندا بىر قانچە ئېغىز دىنىي سۆزلەرنى قىلغانلىقى، بۇ ئۇلارنى شۇ كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ يۇقىرىقىدەك ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ئالامەتلىرىنى رادىكاللىق ياكى بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئىپادىسى» دەپ باستۇرماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.