خىتاي ھۆكۈمىتى: «ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشقا ئورۇنلاشتى!»
2020.12.28
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىدە 2020-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 89 پىرسەنتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ئالاھىدە يەر ئالدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلار ۋە كارخانىلار خىزمەت ئورنىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئالدى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە ئالغان. بۇنىڭدا ئوخشىمىغان «ئېتىبار» ۋە «رىغبەتلەندۈرۈش» ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئورۇنلارغا «جەلپ» قىلغان.
خەۋەردە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتاي ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان. ئەمما ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېكىدىن ئاشقان ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خانۇ-ۋەيران قىلىپلا قالماستىن ئەكسىچە بۇ جايلارغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان خىتاي كادىرلارنىڭمۇ بىر ئىلاج قىلىپ ئىچكىرىگە قېچىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇلار شۇ ئاساستا «بۇ قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەلكىم ئاشۇ خىل ‹قاچقۇن› كادىرلار پەيدا قىلغان بوش ئورۇنلارنى تولدۇرغان بولۇشى مۇمكىن،» دېيىشتى.