داررېن بايلېرنىڭ «لاگېرلاردا-خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق جازا كولونىيەسى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىققان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-10-13
Share

ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناش، سايمېن فرېيزېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى داررېن بايلېرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر سىستېمىسى ھەققىدە يازغان «لاگېرلاردا-خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق جازا كولونىيەسى» ناملىق كىتابى 12-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن سېتىلىشقا باشلىغان.

مەزكۇر كىتابتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىپ ئىنسانىيەت تارىخىدا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر نازارەت ۋە كونترول سىستېمىسى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلگەن.

كىتاب كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، كىتابقا تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن: «ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسى ھەققىدىكى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولغان داررېن بايلېر بۇ رايون ئۈستىدە ئون يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، نەچچە مىڭلىغان ھۆكۈمەت ھۆججىتىنى تەكشۈرگەن، نۇرغۇن مەھبۇسلار ۋە لاگېر خىزمەتچىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن. . . ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سەرگۈزەشتلىرى بايلېرنىڭ سىئاتىلدىن بېيجىڭغىچە بولغان جايلاردا ياسالغان تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن قانداق قىلىپ مەھبۇسلۇقنىڭ يېڭىچە شەكلىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى».

داررېن بايلېر يۇقىرىدىكى بۇ «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق جازا كولونىيەسى» ناملىق كىتابى ھەققىدە «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى ۋە نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە «شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە لاگېرلارغا سولاش ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ ئۆز كونتروللۇقىنىڭ گىرۋىكىدە قالغان بوشلۇقلارغا قارىتا ئەپ بارغان مۇكەممەل يوسۇندا تاجاۋۇز قىلىش، ئىشغال قىلىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش سىنىقى دەپ قاراش كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت