خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردىكى پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خىتاي خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، يېقىندا ئەۋەتكەن پارتكومنىڭ 4-تۈركۈمدىكى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى ئاساسىي قاتلاملارغا ئورۇنلىشىپ بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەۋەتكەن 13 كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇددىتى ئىككى ئاي ئەتراپىدا بولۇپ، كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى بۇ مەزگىلدە، ئاساسلىق كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئەزالىرى ئۈستىدىكى ئىنكاسلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئالاقىلىشىش تېلېفونى، ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان.

كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى نۇقتىلىق ھالدا سىياسىي ئىنتىزام، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىدىكەن ۋە ئىنكاسلارنى قوبۇل قىلىدىكەن شۇنىڭدەك كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.

خەۋەردە گەرچە بۇ نۆۋەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتكەن 13 كۆزىتىش گۇرۇپپىسىدىكى ئادەم سانى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق ئون ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق توققۇز تارماقنىڭ پارتىيەگۇرۇپپىلىرى غا قارىتا «قايتىدىن قاراپ چىقىش» خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە قېتىملىق ئەۋەتكەن پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمىتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلارنى بايقاپ پاش قىلىش بولغان ۋە بۇ جەرياندا، نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئەمىللىلەشتۈرۈشتە يۇمشاق قوللۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىكمۇ جازالانغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن بۇ كۆزىتىش گۇرۇپىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ياخشى نازارەتچى بولۇپ، دىققەتنى مۇقىملىقنى قوغداشقا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ھەممە يەرنى تولۇق قاپلىشىغا، كەم -كۈتىسىز ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ «چوڭ توسالغۇ»، «ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن»، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر دەپ كۆرسىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە كەڭ دائىرىدە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى تارتىپ چىقىرىپ، ۋە تازىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش نىشانىغا يېتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلار، زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازالانغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۈستىدىكى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇيغۇر كادىرلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىملىق ئىدىيەۋى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ پەرەز قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت