خىتاينىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.06.01

ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيەسىنى 300 مىڭ ئۇرچۇقلۇق بىر پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇلۇش باشلىغان. ئەگەر بۇ زاۋۇت پۈتۈپ ئىشقا كىرىشسە، ئۇنىڭدا 1500 مىڭ ئادەم ئىشلەيدىكەن. بۇ زاۋۇت، ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ۋە ئەرزان ئەمگەككە سېلىنىپ، خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى مەنبەسىگە ئايلانغان، بۇ كارخانىلارغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىۋاتقان شۇنداقلا ئامېرىكا بەزى كارخانىلارغا ئېمبارگو قويغان مەزگىلدە قۇرۇلۇش باشلىغانىدى.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شايار ناھىيەسىدە قۇرۇلۇۋاتقان 300 مىڭ ئۇرچۇقلۇق بۇ زاۋۇتقا كورلانى بازا قىلغان «شىنجاڭ لىخۇا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى» مەبلەغ سالغانىكەن. خەۋەردە، 25-ماي كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان بۇ زاۋۇتقا بىر مىليارد 320 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە مەزكۇر شىركەتنىڭ ئېگىرىش كۆلىمى 860 مىڭ ئۇرچۇققا، ئىشلەيدىغان ئادەم سانى 3 مىڭ 500 دىن كۆپرەككە يېتىپ، بۇ ناھىيەدىكى «باشلامچى كارخانى» غا ئايلىنىدىكەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتاقتا ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن بۇ كارخانىلار ئۇيغۇرلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى كونترول قىلىشى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تىلىنى چەكلەپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ياردەملەشمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.